كاتولىك دىنى دۇنياسىنىڭ مەنىۋى داھىسى پوپ فرانسىس يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك لاگبرلارغا قاماش مەسىلىسى ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىلدى.
«بلومېرگ خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 20-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تود ياڭ قاتارلىق بىر قىسىم ئەزالىرى پوپقا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشكە دەۋەت قىلغان. بىرلەشمە مەكتۇپتا «بىز پوپ ھەزرەتلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېتىقاد مۇئەسسەسەسىنىڭ داھىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللى كىشىلىك ھەقلىرىنى قوغداشقا ھەسسە قوشۇشقا چاقىرىمىز» دېيىلىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتۇپنىڭ يوللىنىشى خىتايدىكى كاتولىك ئېپىسكوپىنى يېڭىدىن تەيىنلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پوپ فرانسىس ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى جىددىي سۆھبەتتە بولۇۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. تېخى بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ۋاتىكاندىكى ئۇلۇغ پوپ ھەزرەتلىرى خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى لازىم» دېگەنىدى.