پوپ كرىستوفېر ۋايت كانادا بىرلەشمە چېركاۋىنى ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا سۈكۈت قىلماسلىققا چىقىرغان

كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىدىكى «كېدرون بىرلەشمە چېركاۋى» نىڭ پوپى كرىستوفېر ۋايت كانادانىڭ «برودۋىيۇ» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، كانادادىكى خىرىستىيان دىنى جامائىتى-بىرلەشمە چېركاۋىنى ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرغان. كرىستوفېر ۋايت كانادا بىرلەشمە چېركاۋىنىڭ جەنۇبى ئافرىقادىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش، پەلەستىن ۋە كورىيە مەسىلىلىرىدىكى پائالىيىتى بىلەن تونۇشلىق بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاۋاز چىقارمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

پوپ كرىستوفېر ۋايتنىڭ «ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدا ئېتنىك تازىلاشقا ئۇچراۋاتىدۇ، بىز نېمىشقا كۆپ ئىش قىلىپ بېرەلمەيمىز» ماۋزۇلىق ماقالىسىدە، كانادا پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، بىراق مەيلى ب د ت بولسۇن ياكى نۇرغۇن خەلقئارا دىنىي تەشكىلاتلار بولسۇن، بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئۇ «كانادا ئىماملار كېڭىشى»، «بىناي بېرس» قا ئوخشاش باشقا دىنىي گۇرۇپپىلار بۇ مەسىلىدە جەسۇرلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق كانادا بىرلەشمە چېركاۋىنىڭ ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، ئۇلارنىڭ خىتاي ۋە خوڭكوڭدىكى دىنىي مۇرتلىرىغا يوشۇرۇن خەۋپ يېتىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلىدىغانلىلقنى بىلدۈرگەن.

كرىستوفېر ۋايتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىش ۋە ئۇنىڭغا ئ‍ىنكاس بىلدۈرۈش «نوقۇل ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى يەر شارىدىكى ئ‍جتىمائىي توپلارنىڭ كېلەچىكى، قانۇن بىلەن باشقۇرۇش، سۆز ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىككە مۇناسىۋەتلىك،» ئ‍ىكەن.