خىتاي ھۆكۈمىتى تۆھپە ياراتقان پۇقراۋى جاسۇسلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات بەرمەكچى بولغان

خىتاي ھۆكۈمىتى «چەت ئەل جاسۇسلىرى» ۋە «خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغۇچىلار» غا ئائىت ئۇچۇرلارنى تەمىنلىگۈچىلەرگە 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات ۋە تەقدىرنامە بەرمەكچى بولغان.

«مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 8-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بېرى پۈتۈن خەلقنى «چەت ئەلنىڭ زىيانداش كۈچلىرى» گە قارشى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئىلھام بەرگەن. خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ ھەپتە بىلدۈرگەن باياناتىدا «ھازىر چەت ئەل ئىستىخبارات ئورۇنلىرى ۋە باشقا ھەر خىل دۈشمەن كۈچلەر خىتايغا سىڭىپ كىرىش ھۇجۇمىنى كۈچەيتتى؛ بۇ ھەرىكەتلەر خىتاينىڭ دۆلەت ئامانلىقىغا ئېغىر تەھدىت سالماقتا،» دېگەن سۆزلەر ئورۇن ئالغان.

«مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جاسۇسلارنى مۇكاپاتلاشتا ئۇلار تەمىنلگەن ئۇچۇرنىڭ قىممىتىگە ۋە يېڭى ئۇچۇر بولۇشىغا قارايدىكەن. شۇنداقلا بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ساختا بولۇپ قېلىش، ھەتتا خىتايغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى ئۇزۇندىن بېرى پۇقراۋى ئىشپىيونلىرىنى مۇكاپاتلاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇنى ئوچۇق-ئاشكارا بىلدۈرمەي كەلگەن. بۇ قېتىم خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنسىتىرلىكىنىڭ بۇنداق تەدبىر قوللىنىشى ۋە ئۇنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى، خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلاشقانلىقى ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلىكىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.