پۇتىن ئەسەدتىن ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغان

ئامېرىكىدىن چىقىدىغان«ۋاقىت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن سۈرىيە پرېزىدېنتى ئەسەدتىن ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغان.

ژۇرنالنىڭ «ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى» دىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىننىڭ مەزكۇر تەلىپىنى رۇسىيەنىڭ بىر ھەربىي ئەمەلدارى يەنى پولكوۋنىك ئىگور سەرگۇن ئۆتكەن يىلى يەتكۈزگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، پۇتىن ئەسەدتىن 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بارلىق ھوقۇقلىرىنى قول ئاستىدىكىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، سۈرىيە سىياسىيسىدا بىر سۈلھى - سۆھبەتكە يول ئېچىشنى سورىغان.

ھالبۇكى، ئەسەد پۇتىننىڭ مەزكۇر تەلىپىنى رەت قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە دائىرىلىرى پۇتىننىڭ ئەسەدتىن ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.