پۇتىن، نازاربايېف ۋە لۇكاشېنكو كرېمىلدا ئۇچراشتى
2014.03.09
5 - مارت كۈنى رۇسىيە، قازاقىستان ۋە بېلارۇسىيە پرېزىدېنتلىرى موسكۋادا كۆرۈشۈپ، تاموژنا ئىتتىپاقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف ۋە بېلارۇسىيە پرېزىدېنتى لۇكاشېنكو كرېمىل سارىيىدا ئۇچرىشىپ، ئاساسلىقى 2015 - يىلى، 1 - ئايدىن باشلاپ، ياۋرو ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنى قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
«eurasianet.org»تۆرىدىكى ئانالىزدا كۆرسىتىلىشىچە بۇ تاموژنا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇكرائىنىيە مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا قاتارلىق 8 سانائەت دۆلىتىنىڭ بۇ يىل ئېچىلىدىغان تەييارلىق يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىشىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم موسكۋادا جەم بولۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پۇتىن نىشانىنى يەنە ياۋرو - ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا بۇرىماقتا.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە قىرىم مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەسكىنلىشىسى نەتىجىسىدە رۇسىيە ئۆز ئىتتىپاقچىلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىنتىلمەكتە.