پۇتىننىڭ قازاقلارنىڭ دۆلەت قۇرمىغانلىقىغا ئائىت سۆزى ئەندىشە پەيدا قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.09.07

يېقىندا قازاق ئاكتىپلىرى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفقا «قازاق تارىخى» كىتابىنى ئوقۇشى ئۈچۈن پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا سەۋەب بولغان نۇقتا ھەر ئىككىلا پرېزىدېنتنىڭ ئىلگىرى - كېيىن قازاقلارنىڭ تارىختا قازاقىستان تۇپرىقىدا دۆلەت قۇرمىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىدۇر.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 29 - ئاۋغۇست كۈنى ، ئۇ ئۇكرائىنا كرىزىسى ھەققىدە توختالغاندا نازاربايېفنى تىلغا ئېلىپ،«ئۇ يېگانە ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، يەنى ئۇ ھېچقاچان دۆلەت بولمىغان زېمىندا دۆلەت قۇردى. قازاقلارنىڭ دۆلەتچىلىكى بولمىغان ئىدى» دېگەن.

بۇ سۆز قازاقىستان جامائىتىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ھەتتا پۇتىنىڭ بۇ سۆزى ئۈچۈن نۇرسۇلتان نازاربايېف قازاقىستاننىڭ تاموژنا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن. پۇتىننىڭ سۆزى قازاقىستاندا ئەندىشە پەيدا قىلغان.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف ئۆزى 2011 - يىلى، 27 - ئىيۇل كۈنى ئالمۇتا ئوبلاستىدىكى بىر پائالىيەتتە «ھېچقاچان قازاق دۆلىتى بولمىغان ھەم چېگراسىمۇ بولمىغان ئىدى... قازاقلار ھېچقاچان ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ پايتەختىنى قۇرمىغان ئىدى..» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغاندىن كېين قازاقىستان جەمئىيىتىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىلىپ كەتكەن ئىدى.

قازاقىستان ئاكتىپلىرى پۇتىن ۋە نازاربايېفنىڭ قازاق تارىخىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن 1943 - يىلى قازاق ۋە رۇس تارىخچىلىرى بىرلىشىپ يازغان «قازاقىستان س س ر تارىخى» ۋە كېيىن يېزىلغان قازاق باتۇرى كېنسار قاسىموفنىڭ رۇسلارغا قارشى قوزغىلاڭ تارىخىغا ئائىت كىتابنى ئەۋەتىپ بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.