جۇ خەيلۈن قاغىلىق ناھىيىسىدىكى دىنىي زاتلار بىلەن ئۇچراشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.03.26


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۈن 25-مارت كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى تىنچسىز ناھىيەلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان قاغىلىق ناھىيىسىگە بېرىپ، بۇ يەردىكى ئىسلام دىنى زاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،جۇ خەيلۈن قاغىلىق ناھىيىسىدىكى ئىسلام دىنى زاتلىرىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتلىك دىنى خىزمەت يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئۈمىدىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە دىنى زاتلاردىن، «ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ياخشىلىق قاتارلىق دىنى ئەقىدىلىرىنى تولۇق شەرھلەش ئارقىلىق، ئاممىنى توغرا ئىشىنىش ۋە توغرا ھەرىكەتتە بولۇشقا، ئوتتۇرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشقا ۋە "ئۈچ خىل كۈچ"لەرگە قارشى ئۆزلۈكىدىن كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش»نى تەلەپ قىلغان شۇنىڭدەك يەنە دىنى زاتلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن «پارتىيىنىڭ دىنىي خىزمەت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە دىنى خىزمەت قانۇن-مىزانلىرىغا قەتئىي بويسۇنۇشى»نى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى جۇ خەيلۈن بىر ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرى، يەكەن، يوپۇرغا ۋە باشقا ناھىيەلىرى ھەم قىزىلسۇنىڭ ئاتۇش، ئاقتۇ قاتارلىق جايلىرىدا مەخسۇس مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى نىشانىنى قاغىلىققا قاراتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.