ساۋاقدىشىنى خىتاي ساقچى تارماقلىرىغا چېقىپ قويۇش بىلەن تەھدىت قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچى 9 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.04.25

خىتايدىكى ئاق قەغەز ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوللىغان ساۋاقدىشىنى تەھدىت سېلىپ قورقۇتقان 25 ياشلىق ۋۇ شياۋلېي 9 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ۋۇ شياۋلېي ئامېرىكادىكى بېركلېي مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇ، 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاتتىق يۇقۇم قامالىغا قارشى قوزغىغان ئاق قەغەز ھەرىكىتىنى قوللاش يۈزىدىن ئامېرىكادىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، مەكتەپ ئەتراپىغا «بىز ئەركىنلىكنى خالايمىز»، «بىز دېموكراتىيەنى خالايمىز» دېگەن خەتلەرنى چاپلىغان بىر نەپەر خىتاي ساۋاقدىشىغا تەھدىت سالغان. ۋۇ شىياۋلىي ئۇنى «يەنە شۇنداق خەتلەرنى چاپلىساڭ سېنىڭ قولۇڭنى چاپىمەن»، «سېنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىمەن، ئاندىن ئۇلار ئاتا-ئاناڭنى زىيارەت قىلىپ بارىدۇ» دەپ قورقۇتقان.

ۋۇ شياۋلېي شۇ يىلى دېكابىردا قولغا ئېلىنغان، 2024-يىلى 1-ئايدا ئۇنىڭ «تور ئارقىلىق پاراكەندە قىلىش ۋە تەھدىت قىلىش» جىنايىتى بېكىتىلگەنىدى.

ن ب س خەۋەرلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) بوستون ئالاھىدە خادىمى جودى كوخېن (Jodi Cohen) 25-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا «بۈگۈن، ۋۇ شياۋلېي خىتاي كومپارتىيەسىنى تەنقىد قىلغان ساۋاقدىشىنى پاراكەندە قىلىش، تەھدىت سېلىش، تەقىبلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى ھوقۇقىنى چەيلەشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى دېنىس كاسپېر (Denise Casper) ۋۇ شياۋلېيغا توققۇز ئايلىق قاماق جازاسى بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئۈچ يىللىق نازارەت ئاستىغا ئېلىش جازاسى بەرگەن.

مەزكۇر دېلو ئامېرىكانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۆكتىچى پىكىرلەرنى جىمىقتۇرۇش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان تىپىك ۋەقە بولۇپ، كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا. ۋۇ شياۋلېينىڭ ئادۋوكاتى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.