ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاينىڭ CATL, BYD قاتارلىق شىركەتلىرىنىڭ توكلۇق باتارېيەلىرىنى چەكلىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.03.12

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 10-مارت قانۇن ماقۇللاپ، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ BYD، شۇنداقلا «نىڭدې زامان يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكا شىركىتى»(CATL) قاتارلىق توكلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان باتارېيەلەرنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كارلوس گېمىنىس تەرىپىدىن سۇنۇلغان «باتارېيەدە چەت ئەل رەقىبلىرىگە تايىنىشنى تۈگىتىش قانۇن» ناملىق بۇ قانۇن لايىھەسى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىشتىراك قىلىش، ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان «نىڭدې زامان يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكا شىركىتى»، BYD ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شىركەتلىرىنى نىشان قىلماقتىكەن.

كارلوس گېمىنىس 10-مارت دۆلەت مەجلىسىدە مۇنداق دېگەن: «كوممۇنىست خىتاي دۇنيانىڭ مۇھىم سانائەت ساھەلىرىنى تەسىر ئاستىغا ئېلىشقا كىرىشمەكتە. ئامېرىكا خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئايرىلىش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك. بۇ باتارېيە تېخنىكىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز باتارېيە تېخنىكىسىغا تېخىمۇ كۆپ يۆلىنىۋاتقان پەيتتە، بىز ئۇنىڭ رەقىبىمىز بولمىغان دۆلەتلەرنى مەنبە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا مەكتۇپ يېزىپ، «نىڭدې زامان يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكا شىركىتى» نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ شىركەتنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. مەكتۇپتا، بۇ شىركەتنىڭ لىتىيلىق ئىيون باتارېيەسى ماتېرىياللىرىنى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ شىركىتى تەمىنلەيدىغانلىقى، بۇ شىركەتنى ئېلېكتىرلىك نىكېل ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدىغان «شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى» نىڭ خىتاي كادىرلىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. كارلوس گېمىنىسنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دۇنيا باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 80 پىرسەنتىنى، لىتىيلىق ئىئون باتارېيەسىنىڭ 70 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، «بۇ ئەھۋال ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە خەۋپ پەيدا قىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.