ئامېرىكادىكى بىر تەشكىلات خىتاينىڭ روڭچېڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان
2025.01.03
ئامېرىكادىكى «جەنۇب راك مەھسۇلاتى بىرلەشمىسى» (The Southern Shrimp Alliance) ناملىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ روڭچېڭ سەنيۆ يېمەكلىك شىركىتىنى ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ تەلەپنى ئورۇنلۇق، دەپ قارىسا، مەزكۇر خىتاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە كۆزىتىلىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەر قاتارىغا كىرگۈزگەنىدى. «جەنۇب راك مەھسۇلاتى بىرلەشمىسى» 3-يانۋار ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى روبېرت سېلۋېرسقا ئەۋەتكەن مەكتۇپىدا، روڭچېڭ سەنيۆ يېمەكلىك شىركىتىنىڭ ئارگېنتىنا قىزىل راك مەھسۇلاتىنى شەندۇڭدا پىششىقلاپ ئىشلەپ ئامېرىكا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقى، بۇ شىركەت ئامېرىكا فېدېراتسىيە دورا ۋە يېمەكلىك ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش تەلىپىنى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەكتۇپتا قەيت قىلىنىشىچە، سانلىق مەلۇماتلار روڭچېڭ سەنيۆ يېمەكلىك شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغاندىن كېيىنمۇ، ئامېرىكانىڭ سېياتىل پورتىغا ئۈچ كونتېنېر ئارگېنتىنا قىزىل راك مەھسۇلاتىنى كىرگۈزگەنلىكى، بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغۇچى شىركەتنىڭ شەندۇڭدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان ئۈچ دېڭىز مەھسۇلاتى شىركىتىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.مەكتۇپتا، «قانۇنسىز ئوكيان قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، شەندۇڭدىكى بۇ ئۈچ خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئىلگىرى شەندۇڭ رىجاۋ مېيجيا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى گۇرۇھىنى خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش پىروگراممىسىغا قاتنىشىشى سەۋەبىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى شەندۇڭدىكى زاۋۇتىغا يۆتكەپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە مەكىت ناھىيەسىدىمۇ بېلىقچىلىق فېرمىسى ئېچىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.