قاراماي-مايتاغ يولىدا زەنجىرسىمان قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ۋەقەدە ھادىسىگە ئۇچرىغان بىر مايباك ئاپتوموبىلىدىن زەھەرلىك سۇيۇقلۇق چىقىپ كەتكەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مايباك ئاپتوموبىلى ئاز كەم 32 توننا ئېغىرلىقىدىكى، بېنزىنغا قوشىدىغان بىر خىل زەھەرلىك سۇيۇقلۇق قاچىلاپ مايتاغ تەرەپكە كېتىۋاتقان ئىكەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ۋەقەنىڭ ليەنيۈنگاڭ-قورغاس تاش يولىنىڭ قاراماي-مايتاغ بۆلىكىدە يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. «جۇڭگو ئاخبارات تورى» نىڭ 15-دېكابىر بەرگەن خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قاتناش ۋەقەسى 14-دېكابىر كەچ سائەتلەردە يۈز بەرگەن. ۋەقەگە ھاۋانى تۇمان قاپلاپ، تاش يوللارنى مۇز تۇتۇپ كېتىشى سەۋەب بولغان. خەۋەردە قايت قىلىشىچە، مايباك ئاپتوموبىلى جىددىي تورمۇز تۇتقان بولسىمۇ، ئەمما ئالدىكى ئاپتوموبىل بىلەن بولغان ئارىلىقى بەك يېقىن بولغاچقا، ئۇنىڭ قۇيرۇقىغا كېلىپ سوقۇلغان. ۋەقەدە مايباك تېشىلىپ كېتىپ، زەھەرلىك سۇيۇقلۇق چىقىپ كەتكەن.
خىتاي ئاخبارات خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈشىچە، شىخەنزە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى نەق مەيدانغا كېلىپ، ماي باكتىكى زەھەرلىك ماددىنى باشقا ئاپتوموبىلغا يۆتكىگەن ھەم بۇرۇنقى ماي باكىغا سۇ قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭدىكى قالدۇق زەھەرلىك سۇيۇقلۇقنى تازىلىغان. ئەمما خەۋەردە، بۇ ۋەقەنىڭ مۇھىت ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى تىلغا ئېلىنمىغان.
مەزكۇر بېنزىن خۇرۇچى ماتورنىڭ يېقىلغۇنى تولۇق كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ مۇھىت ۋە ئادەمگە ئىنتايىن زىيانلىق بىر خىل سۇيۇقلۇقتۇر.