خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى قارانچۇقسىز «بالىلار ۋە ياشانغانلار» نى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ھۆججەت چۈشۈرگەنلىكى ئاشكارلاندى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا چوڭ تۇتقۇن باشلىنىش بىلەن تەڭ ھۆججەت چۈشۈرۈپ، قارانچۇقسىز قالغان «ياشانغانلار ۋە بالىلار» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارلاندى. «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھۆججەت 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چۈشۈرىلگەن بولۇپ، ھۆجەتتە قارانچۇقسىز قالغان «ياشانغانلار ۋە يىتىم بالىلار» مەسىلىسىنى «قوش مەركەزلەشتۈرۇش» نى يولغا قويۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش تەلەپ قىلىنغان ئ‍ىكەن.

2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا رايوندا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ئ‍از سانلىق مىللەتلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغان. بەزى ئائىلىلەردىن ئ‍ەر-ئايال بىراقلا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئون مىڭلىغان نارىسىدە بالىلار ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كۈتۈشىگە ئېھتىياجلىق ياشانغانلار قارانچۇقسىز قالغان. دائىرىلەر قارانچۇقسىز قالغان بالىلار ۋە ياشانغانلارنى «ياتاقلىق مەكتەپلەر» نامىدىكى بالىلار لاگېرلىرىغا ۋە ئاتالمىش ساناتورىيەلەرگە يىغىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلەر ۋەيران بولغان. خەلقئارا مۇتەخەسىسسلەر خىتاينىڭ ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش ھەركىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ «ياشانغانلارنى مەركەزلىك كۈتۈش ۋە يىتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلىك ئورنىتىشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىرى» ناملىق ھۆججىتىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنى كۈتۈشنى 100 پىرسەنتكە، يىتىم بالىلارنى بېقىشنى 100 پىرسەنتكە يەتكۈزگەنلىكى، «ياشانغانلار ۋە بالىلار» مەسىلىسىنى «ئۈنۈملۈك ھەل قىلغان» لىقى مەلۇم.