خوتەندىكى قاشتېشى ئويمىچىلىقى كەسپىي مەكتەپلىرى دىققەت قوزغىدى
2024.10.31
خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 31-ئۆكتەبىر كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، خوتەن ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان قاشتېشى ئويمىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ خوتەندىكى 3 كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن لايىھەلەنگەنلىكى بايان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خوتەن قاشتېشى خام ماتېرىيال قىلىپ ياساپ چىقىلغان بۇ ئەسەرلەرنى خوتەن ناھىيەلىك قاشتېشى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، قاراقۇرۇم كەسپىي مەكتىپى ۋە خوتەن قاشتېشى ئويمىچىلىق كەسپىي تەربىيەلەش ئورنى ئوقۇغۇچىلىرى ياسىغانىكەن. خەۋەردە، بۇ مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان خوتەن ناھىيەلىك قاشتېشى ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ زىبۇ-زىننەت پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كەسپى تىجارىتى قىلىۋاتقانلىقىغا يەتتە يىل بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خوتەن ۋىلايىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» ۋە «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش» نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرلىرى ئەڭ كۆپ يولغا قويۇلغان جايلارنىڭ بىرى. تېخى يېقىندا بىر خىتاينىڭ نازارەتچىلىكىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تاش ئىچىدىن قاشتېشى ئىلغاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانىدى.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خوتەن قاشتېشى ئويمىچىلىق كەسپىي تەربىيەلەش ئورنىنىڭ تور بېتىدىمۇ ئويمىچىلىق سېخىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ رەسىملىرىنىڭ بولۇشى، بۇ كەسپىي تەربىيەلەش دەپ ئاتالغان جايلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ئەرزان باھادا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئورۇن بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى گۇمانلارنى كۈچەيتمەكتە.
خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدە، يۇقىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ پەقەت بىرىدىلا 300 گە يېقىن قاشتېشى ئويمىچىلىق خادىملىرى يېتىشتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.