خىتاي ھۆكۈمىتى قاتارغا مەخسۇس ھەيئەت ئەۋەتىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-19
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» نامىدىكى بىر ھەيئەتنى قاتارغا ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئاقلىغان.

تەڭرىتاغ تورى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان:

«مەزكۇر ھەيئەت 17-نويابىردىن 18-نويابىرغىچە قاتاردىكى ھەر ساھە ۋەكىللەرگە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى ھەمدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى».

قاتار بۇ يىل 7-ئايدا ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىنى قوللاپ ئىمزا قويغان 50 دۆلەت ئىچىدىن چېكىنىپ چىققان بىردىن-بىر دۆلەت ئىدى. قاتارنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ئەلى ئەل-مەنسورى ئەينى چاغدا بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بۇ بىرلەشمە مەكتۇپقا ئىمزا قويۇشنىڭ قاتارنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى بىتەرەپلىكىگە ۋە بۇ جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىگە توغرا كەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. مۇشۇ سەۋەبتىن بىز بىتەرەپ بولۇشنى خالايمىز» دېگەن.

شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتارغا قارىتا بۇنداق بىر تەشۋىقات زىيارىتى تەشكىللىشى دىققەت قوزغايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى قاتاردىكى بىر قىسىم ئىسلام تەتقىقات مەركەزلىرىدە، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا زىيارەتتە بولغان ۋە مۇخبىرلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋەزىيىتى، ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» دەپ ئاتىۋالغان قايتا تەربىيە لاگېرلىرى ھەققىدە «شىنجاڭدا قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى قۇرۇش ئارقىلىق. . . تېررورلۇق ھەرىكىتىنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن تىرىشىپ تۈگىتىپ. . . شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ ئۇسۇل جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىنىڭ روھىغا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىرىنسىپىغا، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە تامامەن ئۇيغۇن» دېگەن.

ھالبۇكى، دەل خىتاينىڭ يۇقىرىدىكى بۇ ئۆمىكى قاتاردا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر سىياسىتىگە ئائىت 403 بەتلىك بىر مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلىنىپ كېتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەرگەن ئىدى. بۇنداق بىر شارائىتتا ئۇلارنىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىنىڭ قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى نامەلۇم.

بىراق خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىدىكى ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» دىكى 6 كىشى قاتاردىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، كۇۋەيت ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت