ئۇيغۇر دىيارىدا «قاتتىق باستۇرۇش» نىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى داۋراڭ قىلىنماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى «بوشاشماستىن داۋام قىلدۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 30-ئۆكتەبىردىكى سانىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەردە بۇ ھال ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 29-ئۆكتەبىر ئېچىلغان «مۇقىملىق خىزمىتى ۋە قارا كۈچلەرنى تازىلاش يىغىنى» دا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى قارا كۈچلەرنى تازىلاش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان. شۇنىڭدەك ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» باشچىلىقىدىكى «قارا كۈچلەرنى قەتئىي سۈپۈرۈپ تاشلاش» كۈرىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش تەكىتلەنگەن. شۇنىڭدەك «تۇغقان بولۇش» سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «قارا كۈچلەر» دېگەندە ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان جىنايەت گۇرۇھى كۆزدە تۇتۇلۇپ كەلگەن ئىكەن. ئەمدى بولسا «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ بۇ كاتېگورىيەگە مەنسۇپ قىلىنىشىنى بىر قىسىم ئانالىزچىلار «ئۇيغۇرلاردىكى ھەرقانداق مىللىي ئالاھىدىلىك ‹تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك› دەپ قارىلىۋاتقاندا بۇ شوئارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر باستۇرۇشقا دۇچ كېلىشىدىن بېشارەت بېرىدۇ» دېيىشمەكتە.