خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 29-ئۆكتەبىر چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان قازاق يازغۇچىسى ناغىز مۇھەممەدنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ناغىز مۇھەممەدنىڭ ئەھۋالىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلات چاقىرىقىدا كىشىلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جياڭغا خەت يېزىپ، ناغىز مۇھەممەدنى قويۇپ بېرىشنى ياكى ئۇنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئاساسەن سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان.
يازغۇچى ناغىز مۇھەممەد ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت ئىشخانىسىنىڭ خادىمى بولۇپ، ئۇ 2018-يىلى 3-ئايدا قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا تۇتقۇن قىلىنغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 29-ئۆكتەبىر ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېقىندا ناغىز مۇھەممەدنىڭ بۇ يىل 9-ئايدا «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ «ئەل-ئاغىنىلىرىنى يىغىپ، قازاقىستان دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكى، شىنجاڭنىڭ ‹قوش تىللىق مائارىپ› سىياسىتىگە پىكىر بىلدۈرگەنلىكى، قازاقلارنى قازاقىستانغا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرگەنلىكى» ئۈچۈن كېسىلگەن ئىكەن. ناغىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا ئۇنىڭ «جىنايىتى» نى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقى، سوتتا ئۆزىنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.