يېقىندا قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى رۇسىيەنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىخايىل بوچارنىكوۋنى چاقىرتىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە خاكاسىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋلادىمىر شتىگاشېۋنىڭ شەرقىي قازاقىستان تۇپراقلىرىنىڭ بىرى قىسمىنىڭ ئەسلى رۇسىيەگە تەۋە ئىكەنلىكى،شۇڭا بۇ جايلاردا رۇسىيەنىڭ تارىخىي ھوقۇقلىرى بارلىقى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، خاكاسىيەدە چىقىدىغان «شانس ئونلايىن» گېزىتى 9 - ئاپرىل كۈنى «رۇسىيەدىكى شەرقىي قازاقىستان زېمىن دەۋاسىغا ئائىت گەپ - سۆزلەر» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا خاكاسىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋلادىمىر شتىگاشېۋنىڭ «شەرقىي قازاقىستان، يەنى ئالتاي ئەسىلىدە رۇسىيەنىڭ تەركىبىدە ئىدى. قازاقىستاننىڭ يەرلىرى ئاز ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئومسك ئوبلاستىنىڭ بىر قىسىمىنى قازاقىستانغا بېرىش قارار قىلىندى، ۋە بۇ جايدا قاراغاندا قۇرۇلدى. بۇ، 1936 - يىلىدىكى ئىش بولۇپ، بىز بەش ئوبلاستنى قازاقىستانغا بەردۇق، ۋە شۇنىڭدىن كېيىن قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى،» دېگەن سۆزلىرى بېسىلغان.
بۇ سۆز قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي نارازىلىقىنى قوزغىغان ھەمدە بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا غۇلغۇلا پەيدا بولغان.
قازاقىستان زېمىنلىرىنىڭ بىر قىسىمىنىڭ ئەسلى رۇسىيە زېمىنى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلەر ئىلگىرى داڭلىق رۇس پەيلاسوپى سولژېنتسىن ۋە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ۋالدىمىر ژرىنوۋسكىي تەرىپىدىنمۇ ئېيتىلغان ئىدى. ژرىنوۋسكىي تېخى يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەرنى رۇسىيەگە قوشۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا مەمۇرىي رايونى قۇرۇش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى.
قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىشى ھەمدە شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسلارنىڭ رۇسىيىگە قوشۇلۇش ھەرىكەتلىرى قازاقىستانغىمۇ مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىشى پەرەز قىلىنماقتا ئىدى.
