قازاقىستان ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىسى خەلقئارا چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە نەتىجە قازاندى
2017.10.01
ئۇيغۇرلار قازاقىستاندىكى ئاز نوپۇسلۇق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار ئارىسىدىن سپورتنىڭ بوكس، چامباشچىلىق ۋە باشقا تۈرلىرى بويىچە بىر قىسىم دۇنيا چېمپىيونلىرى، ئاسىيا چېمپىيونلىرى شۇنىڭدەك يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەرنىڭ چېمپىيونلىرى يېتىشىپ چىققاندىن سىرت يەنە تۈرلۈك خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە كۈمۈش ۋە مىس مېدال ئالغانلارنىڭ سانىمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر يىگىتى رۇسلان لىبىروف يېقىندا تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن 29-قېتىملىق خەلقئارالىق ئەركىن چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە 2-ئورۇننى ئىگىلىگەن.
«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ ئەركىن چامباشچىلىق ساھەسىدە 6 قېتىملىق چېمپىيون بولغان رۇسلان لىبىروف تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە 70 كىلوگراملىقلار تۈرى بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، قازاقىستان ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شەرەپ قۇچقان.
مەلۇم بولۇشىچە، رۇسلان لىبىروفنىڭ مەشقاۋۇلى، ئۇيغۇر چامباشچىلىق ماھىرى ئالىك جەلىلوف بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئاسىيا ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولغان ۋە 2-ئورۇننى ئىگىلىگەن تەنھەرىكەتچى ئىدى.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا يېقىندىن بۇيان چامباشچىلىق تەنھەرىكىتى كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ ساھەدە ئونلىغان كۇلۇبلار قۇرۇلغان. «ياركەنت» دەپ ئاتالغان كۇلۇبتىلا ئۇيغۇر چامباشچىلىق مەشقاۋۇلى يۈسۈپجان ۋەلىيېۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە 70 دىن ئارتۇق ياش-ئۆسمۈر مەشىق قىلماقتا ئىكەن.