قازاقىستانغا تۇتقۇن قىلىنغان قىرغىزىستانلىق مۇزىكانت روزاخونوف قىرغىزىستانغا قايتۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.01.10

ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، «چەتئەللىك تېررورچى» دەپ ئېلان قىلىنغان قىرغىزىستانلىق ئاتاقلىق مۇزىكانت ۋىكرام روزاخۇنوف 10-يانۋار قىرغىزىستانغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ۋىكرام روزاخۇنوفنىڭ ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستاندا پارتلىغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا قازاقىستان ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، «چەتئەللىك تېررورچى» دەپ ئېلان قىلىنىشى ۋە تېلېۋىزورغا چىقىرىپ، ئىقرار قىلدۇرۇلۇشى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قازاقىستانغا نوتا تاپشۇرغان، شۇنداقلا قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى روزاخۇنوفنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان. بۇ ۋەقە قىرغىزىستان يەنە جامائەت پىكىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى. قىرغىزىستان AKI ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋىكرام روزاخۇنوف بىشكەككە قايتىپ كېلىپ، مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ قازاقىستان تېلېۋىزورىدا قىلغان سۆزلىرىگە چۈشەنچە بەرگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ تۇتقۇندا «ئ‍ەگەر تېلېۋىزورغا چىقىپ ئىقرار قىلسا قىرغىزىستانغا قايتۇرۇلىدۇ» دېگەنلىكى ئۈچۈن «خاتا ئىقراردا بولغانلىقى» نى ئېيتقان.

ئۇ: «ۋىدېئودا قىلغان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى يالغان، بۇ قايتىپ كېلىشىمنىڭ ئەڭ ئاسان يولى ئىدى» دېگەن. روزاخۇنوف قازاقىستان تاراتقۇلىرىنىڭ تاراتقان ۋىدېئوسىدا، ئۆزىنىڭ 200 دوللار بېرىمىز، دېگەنلىكى ئۈچۈن قازاقىستاندىكى نارازىلىققا قاتنىشىشقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا پرېزىدېنت توقايېف، قازاقىستاننىڭ «چەتئەلدە تەربىيەلەنگەن تېررورچىلار» نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، «20 مىڭ باندىت» نىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توقايېف 10-يانۋار بۇ توقۇنۇشنى «بىر مەركەزدىن» ئورۇنلاشتۇرۇلغان «سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ كۆرسەتكەن. قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بۇ ۋەقەدە 160 تىن ئارتۇق ئادەم ئ‍ۆلگەنلىكى، ھازىرغا قەدەر 8 مىڭغا يېقىن ئادەم تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.