قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.04.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا ئۇلارنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى» ئۈچۈن قازاقىستانغا تېببىي خادىملارنى ئەۋەتىش، غايەت زور مىقداردىكى تېببىي بۇيۇملارنى ھەدىيە قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى كۆپلەپ يەر ئېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما قازاقىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 14-ئاپرېل كۈنى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى «قىزىرىشىپ قېلىش» ۋەقەسىنى خەۋەر قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتقان ھەمدە خىتايدىكى «سوخۇ» تورىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستان تېزدىن خىتاينىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىشقا ئىنتىزار بولماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار خىتاي ئەلچىسىگە بۇ ئەھۋالنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنىڭ روھىغا ئېغىر زەرەر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«سوخۇ» تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا قازاقىستاننىڭ قەدىمدىن تارتىپلا خىتاينىڭ بىر قىسمى بولغانلىقى، تارىختا خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىغا قارىتا قازاقلارنىڭ تولىمۇ مەمنۇنلۇق ھېسسىياتىدا ئىكەنلىكى، يېقىنقى زامان تارىخىدا نۇرغۇنلىغان قازاق قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ خىتاي ئىمپېراتورلىرىغا سادىق بولۇش ھەققىدە قەسەم بەرگەنلىكى دېگەنلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستاندىكى نېفىت ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىشقا مەبلەغ سالغۇچى ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرى ئىكەن. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى تاشقى دۇنياغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، بۇ لاگېرلاردا مەلۇم ساندىكى قازاقلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولغان. شۇنداقتىمۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاينى ئاشكارا تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بولۇپ، پەقەت لاگېرغا قامالغان بىر قىسىم پۇقرالىرىنى يېپىق سۆھبەت ئارقىلىق ئېلىپ كېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتقان ئىكەن. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي تور بەتلىرىدە قازاقىستان ھەققىدە قازاقلار خالىمايدىغان مەزمۇندىكى مەلۇماتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە دەسلەپكى يىرىكلىكنى پەيدا قىلغان.

خىتاي تەرەپ بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرگە ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن بولۇپ، «سوخۇ» تورىدىكى بۇ ماقالە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.