خىتاي دائىرىلىرى قەدىمكى خوتەن قەغەزچىلىك سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقى ھەققىدە تەشۋىقات يۈرگۈزۈشكە باشلىغان
2022.06.13
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ھاياتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇنى مۇزېيلاردا كۆرگەزمە قىلىپ كۆرسىتىشكە باشلىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنى ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇشقا كىرىشكەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى خوتەن قەغەزچىلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە لاپ ئۇرغان.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسى پۇرچاقچى بازىرىدا مەخسۇس خوتەن قەغەزچىلىك كۆرگەزمىسى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋەتكەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر پۇرچاقچى بازىرىدىكى 12 ئەۋلاتتىن بېرى قەدىمكى خوتەن قەغەزچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 2000 يىللىق بۇ كەشپىياتنى دەۋرىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىر ئائىلىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مۇزېيلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرغان.
بۇ ئائىلىدىن بۇزەينەپ ئىسمائىلنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىغا ئېيتىشىچە، قەغەزچىلىك كەسپىنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ئۆز ئالدىغا يەككە ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەزكۇر ئائىلىنىڭ ئاتا مىراس بۇ كەسپىگە دائىرىلەر يېقىنقى يىللاردا مۇداخىلە قىلىپ، بۇنى خىتاينىڭ 2017-يىلدىن باشلانغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مۇزېلاشتۇرۇشنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرغان. بۈزەينەپ ئىسمايىل، «خىتاي خەۋەرلەر تورى» غا قىلغان سۆزىدە، «كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېتەكلىشىدە… ھەر كۈنى 50 نەچچە پارچە قەغەز ياساۋاتقانلىقى، نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە خەتتاتلارنىڭ بۇ قەغەزلەرنى سېتىۋالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن خوتەن قەغىزىگە ئوخشاش قىممەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مۇزېيلاشتۇرۇپ، ئۇنى جانلىق ھالەتتىن ئۆلۈك نەرسىگە ئايلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن «شىنجاڭنى مەدنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ جانلىق ئىجتىمائىي ھاياتىدىن ئۈزۈل-كېسىل تازىلىماقتا ئىكەن.
خوتەن قەغىزىنى ياساش تېخنىكىسى چەت ئەللەردە تۇنجى قېتىم 2002-يىلى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارا يىپەك يولى فېستىۋالىدا كۆرسىتىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا، قاراقاش ناھىيەسى پۇرچاقچى بازىرى بۇدا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بۇ ئائىلىنىڭ 10-ئەۋلات خوتەن قەغىزى ياساش ئۇستىسى، 80 ياشلاردىكى توختى باقى مەزكۇر فېستىۋالغا قاتنىشىپ، قەدىمكى خوتەن قەغەزچىلىك ھۈنىرىنى نەق مەيداندا كۆرسەتكەن.