ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى: «رەشىدە داۋۇتنىڭ قاماق جازاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر پارچىسى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.03.27

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 27-مارت كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتاقلىق ناخشىچى رەشىدە داۋۇتنى قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. رادىيومىز يېقىندا رەشىدە داۋۇت خانىمنىڭ مەخپىي سوتلىنىپ، 15 كېسىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باياناتىدا: «ئەل سۆيگەن ناخشىچى رەشىدە داۋۇتنىڭ ‹بۆلگۈنچىلىك› بىلەن مەخپىي ھالدا 15 يىللىق كېسىۋېتىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىپادىسىنى يوقىتىشتىكى يەنە بىر پاراكەندىچىلىك ۋە ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئۇرۇنۇشىدۇر،» دېيىلگەن. باياناتتا رەشىدە داۋۇت ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا كېسىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئەمدى ئاشكارىلانغانلىقى، بۇ خىل مەخپىي سوتلاشقا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ كېچىكىپ ئاشكارىلىنىشىنىڭ مەزكۇر رايونغا خاس كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

باياناتتا يەنە ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ خەتەر ئىچىدىكى سەنئەتچىلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى جۇلىيا ترېبولتنىڭ سۆز نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، مۇنداق دېيىلگەن: «گەرچە بىز رەشىدە داۋۇتنىڭ نېمە ئۈچۈن كېسىلگەنلىكى ياكى ئۇنىڭ 1-سوتتا سوتلانغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەت شۇكى، رەشىدە داۋۇت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق جىمىقتۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ يەنە بىر قۇربانىغا ئايلاندى.»

رەشىدە داۋۇت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دادىل ناخشىلىرى، ئىشلىگەن نۇرغۇن پىلاستىنكىلىرى بىلەن ئەلنىڭ قىزغىن سۆيۈشىگە ئېرىشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.