خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر ئايرودرومىغا بىرقاتار خەلقئارالىق يۈك توشۇش لىنىيەلىرىنى قوشقان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.02.03

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەرنى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا تۇتىشىدىغان دەرۋازىسى قىلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا.

خىتاينىڭ شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا قەشقەر ئايرودرومىغا بىر قاتار يېڭى خەلقئارالىق يۈك ترانسپورت لىنىيەلىرىنى قوشقان بولۇپ، ئۇلار پاكىستاننىڭ لاھور، ئىسلامئاباد قاتارلىق شەھەرلىرى ۋە ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشت شەھىرى ۋە بېلگىيەنىڭ ليېگې قاتارلىق جايلىرىغا بارىدىغان خەلقئارالىق يۈك يولى ئىكەن.

خەۋەردە قەشقەر چېگرا دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئايرودرومنىڭ قۇرۇلۇشىنى يېڭىلاش ۋە كېڭىيىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدا بىر ئاۋىئاتسىيە مەركىزى قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى، ھازىر بۇ لىنىيەلەرنىڭ ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئۇچۇشتەك مەشغۇلاتنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدا مۇتلەق كونترولنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغان خىتاينىڭ ئەمدى بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چەتئەللەردىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پىلانلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالدىراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ئايرودرومى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىككىنچى چوڭ خەلقئارالىق ئاۋىئاتسىيە پورتى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق ئاۋىئاتسىيە ئەشيا ئوبوروت مەركىزى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.