خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ يېقىندا چىقارغان سۈرەتلىك خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى خىتاينىڭ چاغانلىق بايرىمىغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن.
خەۋەردە، قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چاغان كېلىش ھارپىسىدا ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاشلا دېرىزە قىيىق گۈلى چاپلاش، ئىشىك ئالدىغا خىتايچە مەسنەۋى چاپلاش، پانۇس ئېسىش ئارقىلىق «ئەجدىھا يىلى» غا كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى، قوللىرىدا زىننەت پانۇسلىرى كۆتۈرۈۋالغان ئۆسمۈرلەرنىڭ كوچىدا «ئويناپ-كۈلۈپ» كېتىۋاتقانلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، «خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقى» كۆرسىتىلگەن.
خىتاينىڭ چاغان بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى بايراملىرى كەلسە ئۇنى دەم ئېلىش دەپ چۈشىنىدىغان، ئەمما ئۇلارنىڭ بايرام ئۆتكۈزۈش ئادىتىگە يېقىن كەلمەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قويۇق خىتاي مەدەنىيىتى تۈسىنى ئالغان بايراملىق پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقانلىقى، ئىشىك-دېرىزىلەرنى خىتايچە خەتلەر بىلەن بېزىگەندىن باشقا، كوللېكتىپ ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناش، خىتايچە كىيىنىش، خىتايچە پەرداز قىلىش ھادىسىلىرىنىڭ خېلىلا ئومۇملىشىپ قالغانلىقى مەلۇم.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردا قەشقەرنى مەركەز قىلغان ئىقتىساد – سودا ۋە ساياھەتچىلىكنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرغاندىن باشقا، بۇ جايدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چەكلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇنىڭ بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا. كانادادىكى تەتقىقاتچى، دوكتور دىلمۇرات مەھمۇد بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، قەشقەرنىڭ قاراخانىيلار ۋە سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت بۆشۈكى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى يوقىتىشتا بۇ جاينى نۇقتىلىق نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.