خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ مۇخبىرلارغا ئامېرىكانى تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن
2023.03.10
3-ئاينىڭ 7-كۈنى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 14-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى داۋاملىشىۋاتقاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ئامېرىكانى «خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تەرەققىياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان دۆلەت» دەپ ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا «سىياسەتچى» تورى 9-مارت كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، چىن گاڭ بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكانى «خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىۋاتقان دۆلەت» دېگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاتتىق پوزىتسىيەنى شى جىنپىڭ باشلاپ بەرگەن بولۇپ، خىتاي ۋەكىللىرىگە قىلغان سۆزىدە «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بىزنى سىرتماققا ئېلىپ، تەرەققىياتىمىزغا توسقۇن بولۇۋاتىدۇ» دېگەن، ئۆتكەن يىل 11-ئايدا ھىندۇنېزىيەدە پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بىلەن كۆرۈشكەندە ھاسىل قىلغان «مۇقىم، ساغلام دىپلوماتىيەگە تايىنىش» تىن ۋاز كېچىپ، «چىل بۆرە دىپلوماتىيەسى» گە قايتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھاۋا شارىنى ئېتىپ چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش ئەمەس، سۈركىلىش كۈچەيگەن بولۇپ، خىتاي ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارشى مەيدانغا ئۆتۈپ، رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىتتىپاق قۇرغان، ھەتتا رۇسىيەگە قورال ياردەم قىلماقچى بولغانىدى.
«سىياسەتچى» تورىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى باياناتچىسى جون كېربىي (John Kirby) چىن گاڭنىڭ گەپلىرىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مەيدانى قىلچە ئۆزگەرمىگەن» دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گالىگېر (Mike Gallagher) چىن گاڭنىڭ قۇتراتقۇلۇق تۈسىنى ئالغان بايانلىرىغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «ئۇنىڭ گەپلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› سىياسىتىدىن كېيىن يېڭى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانلىقى يالغان. ئۇلارنىڭ بىزنى قارىلاپ، باشقىلارنى ئالداشتىكى سېھىر كۈچى قىسقا ۋاقىت كۆرۈنىدىغان ئېزىتقۇ سەرراپقا ئوخشايدۇ» دېگەن.