قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.07.10

يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئۆكتەبىر ئورمامبېتوف باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، رايوندىكى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ «چېگرا لىنىيەسىدىكى قىرغىزىستان ساقچىلىرىغا تەشكىلىي تەربىيەلەش» ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان. «ياۋرو-ئاسىيا تورى» نىڭ 7-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى 19-ئىيۇندىن 23-ئىيۇنغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. خەۋەردە، زىيارەت جەريانىدا خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى دائىرىلىرىنىڭ قىرغىزىستان زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرگە ئاممىۋى توپىلاڭنى كونترول قىلىش ۋە «تېررورلۇق» نى باستۇرۇش توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروفنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا شىئەندىكى خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللايدىغانلىقى؛ «شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق كۈچلىرى» گە زەربە بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئېلىپ بېرىلىشى، دىققەت قوزغىدى. مەلۇم بولۇشىچە، پىرېزىدېنت جاپپاروف شىئەن يىغىنى مەزگىلىدە شى جىنپىڭ بىلەن ئىمزالىغان قوشما ئاخباراتىدا «شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى» گە زەربە بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بىردىن-بىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى رەھبىرى ئىكەن. «ياۋرو-ئاسىيا تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، زىيارەت مەزگىلىدە قىرغىزىستان تەرەپ خىتاي دائىرىلىرىدىن «تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نازارەت دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتكە ئېرىشكەن.»

قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ «خىتاي ساقچىلىرىنىڭ رەقەملىشىش جەھەتتىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆگىنىش، ساقچىلارنىڭ خىزمەتتە ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون) ئىشلىتىش تەجرىبىسى بىلەن تونۇشۇش ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى بولغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن. بۇ زىيارەت غەرب دۆلەتلىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار، باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.