دائىرىلەر بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدا 4 مىڭدىن ئارتۇق يېزا «قوش تىل يەسلىسى» نى كېڭەيتىپ قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.01.23

22-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مائارىپ خىزمىتى بويىچە تېلېۋىزىيە يىغىنى ئاچقان بولۇپ، بۇ يىل يېزا-كەنتلەردە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ياكى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ قۇرىدىغان «قوش تىل يەسلى» لىرىنىڭ 4 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۋا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى «يېزا-كەنت قوش تىل يەسلى» لىرىگە غايەت زور مەبلەغ سالىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2017-يىلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جەمئىي 4387 ئورۇندا يېزا «قوش تىل يەسلىسى» يېڭىدىن قۇرۇلىدىكەن ياكى كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغانلىرى 3287، كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغانلىرى 1100 بولۇپ، كەلگۈسىدىكى ئۈچ يىل ئىچىدە ھەقسىز «قوش تىللىق يەسلى» مائارىپىدا تەربىيەلىنىدىغان يېزا بالىلىرىنىڭ سانىنى 560 مىڭغا يەتكۈزۈش مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان ئاتالمىش «قوش تىللىق يەسلى مائارىپى» نىڭ ئاساسىي نىشانى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا قارىتىلغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا «دۆلەت تىلى مەكتىپى» ئېچىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەۋاتقان سىياسىي ئاكتىپ قۇربان نىيازنىڭ ئىش-ئىزلىرى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ تەشۋىقات نىشانىغا ئايلانغان.

مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى كىيدۈرۈلۈپ، كوڭزى ۋە مېڭزى ئۇسلۇبىدىكى ئوقۇتۇش كەيپىياتى بىلەن تەربىيەلىنىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.