ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 3 يىل ئىچىدە يەنە 3500 نەپەر «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىماقتا. تەڭرىتاغ تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ ئوقۇتقۇچىلار جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا - بازارلىرىدىكى «قوش تىل» يەسلى ۋە تەييارلىق سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېزلەتكەندىن بۇيان ھەدەپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئادەم قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا تۈرلۈك ئىمتىيازلارنى سۇنۇش ئارقىلىق «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلىۋاتقان ئىدى. بىراق بۈگۈن تەڭرىتاغ تورى ئۆز خەۋىرىدە، ھازىر دائىرىلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىققا تىزىملىتىدىغان ئادەم تاپالماسلىق، قوبۇل قىلىپ ئەكەلگەن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى خىزمىتىنى داۋام قىلماسلىققا ئوخشاش مەسىلىلەرگە يولۇقۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2006 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىغا 70مىڭ نەپەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، يەنە 35 مىڭ نەپەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىغا ئېھتىياج بار ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئۇيغۇر ئېلىغا ئىچكىرىدىن ئادەم يۆتكەيدىغان يەنە بىر پۇرسەتكە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.