27-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مائارىپ ساھەسىدىكى ئەمەلدارلارنى ئۈرۈمچىگە توپلاپ، يېزىلاردا 3 يىللىق «ھەقسىز قوش تىللىق يەسلى مائارىپى» نى يولغا قويۇش سەپەرۋەرلىك خىزمەت يىغىنى ئاچقان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتاشقان بۇ يىغىندا، رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېزىلاردا 3 يىللىق «ھەقسىز قوش تىللىق يەسلى مائارىپى» نى يولغا قويۇشنىڭ كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان ئەڭ ھالقىلىق سىياسىي تەدبىر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى «ئەڭ زور سىياسىي ۋەزىپە، ئەڭ قاتتىق مەسئۇلىيەت ۋە ئەڭ قاتتىق پوزىتسىيە» دەپ تونۇشى لازىملىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئالدىنقى كۈنى خەلق تورى مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى 11 ناھىيە ۋە شەھەردىن 37 نەپەر يەرلىك ئاساسىي قاتلام كادىرنى جاۋابكارلىققا تارتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىپ جازالانغان 37 نەپەر يەرلىك كادىر «13-بەشيىللىق پىلان» مەزگىلىدە قەشقەر ۋىلايىتىدە قۇرۇلماقچى بولغان «قوش تىللىق يەسلى» قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن كادىرلار ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر يېزىلىرىدا «قوش تىللىق يەسلى مائارىپى» نى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق كۈچەۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەمىنلىكىنى ساقلاپ تۇرۇشتىكى سىياسىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قاراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.