جۇ خەيلۇن يەكەندە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» نى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۇن 27‏-مايدىن 29‏-مايغا قەدەر يەكەندە ئېلىپ بارغان خىزمەت تەكشۈرۈشى داۋامىدا ئاتالمىش «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.

ئاخباراتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى 12‏-ئاينىڭ 8‏-كۈنىدىن 28‏-كۈنىگىچە بولغان 3 ھەپتە ۋاقىتنى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» دەپ بېكىتكەن ۋە كۆپ ساندا خىتاي كادىرنى يېزا-بازارلارغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنى يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىللە تاماقلىنىش، بىللە يېتىپ-قوپۇش ۋە بىللە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى شۇ چاغدا خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ پائالىيەت ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ شەخسىي ھاياتى ۋە ئائىلە مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. جۇ خەيلۇن بۇ قېتىمقى يەكەن زىيارىتى داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئاتالمىش تۇغقىنى مەخەت داۋۇت دېگەن كىشىنى يوقلىغان. ئۇ خۇلاسە سۆزىدە مەركەزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى باشقۇرۇشتىكى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش چاقىرىقىنى يەنىمۇ قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن ئىجرا قىلىشنى تەكىتلىگەن.

ئاتالمىش «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» نى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان سېكرېتار جۇ خەيلۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي-قانۇنغا مەسئۇل سېكرېتارى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيە ھەرىكىتى» نى «ياۋايى چۆپلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن زىرائەتكە دورا چېچىش» قا ئوخشاتقان ئىدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئەڭ ئومۇمىي ۋە ئەڭ جىددىي تۈردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەت «يېپىق تەربىيە» خىزمىتى بولسىمۇ، ئەمما جۇ خەيلۇن بۇ قېتىمقى سەپىرىدە «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» ھەققىدە تىنمىغان.