«قۇمۇلدىن چۇڭچىڭغا توك يۆتكەش لىنىيەسى» دە ئىش باشلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.08.08

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلگەن «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈچىنچى غول لىنىيەسى بولغان «قۇمۇل-چۇڭچىڭ توك لىنىيەسى» 8-ئاۋغۇست كۈنى قۇرۇلۇشنى رەسمىي باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يېڭى لىنىيەنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى ۋە چۇڭچىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق كاتتىباشلىرى تولۇق قاتناشقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر توك يۆتكەش لىنىيەسى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ بارىكۆل ناھىيەسىدىن چۇڭچىڭ شەھىرىگە تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2290 كىلومېتىر كېلىدىكەن. مەزكۇر لىنىيەنىڭ توك يۆتكەش ئىقتىدارى سەككىز مىليون كىلوۋات قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، خىتاينىڭ «14-بەش يىللىق پىلان» دىكى مۇھىم تۈرلەردىن سانىلىدىكەن. «خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىملىرىنى توك بىلەن تەمىنلەپ، بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كاپالەت بولۇپ قالىدىكەن.

مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن ئاشۇنداق زور غول تۈۋرۈك بولۇۋاتقان بۇ قۇرۇلۇش ھەققىدە سۆز قىلغان ما شىڭرۈي «دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى ۋە چۇڭچىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن. بۇ قۇرۇلۇش شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرىدىغان مۇھىم بىر قەدەم بولۇپ قالغۇسى» دېگەن. ئەمما ئاشۇنداق غايەت زور مىقداردىكى «پاكىز ئېنېرگىيە» نى تەييارلاپ چۇڭچىڭ شەھىرىگە يوللاپ بولغۇچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەبىئىي بايلىقنىڭ قانچىلىك خوراپ، مۇھىتنىڭ قانچىلىك بۇلغىنىدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان.

ئۇيغۇر دىيارى ئىزچىل خىتاي ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان «ئېنېرگىيە ئامبىرى» بولۇپ كەلگەنىدى. خىتاينىڭ مۇشۇنداق زور ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارى دەل مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى كۆزلەۋاتقان قىرغىنچىلىق قىلمىشىنىڭ سەھنىسىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. نۆۋەتتە بۇ يۈزلىنىشنىڭ ئىزچىل تۈردە باشقا ساھەلەرگە كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.