قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي قاتلام ئاھالىسىنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشقا بارغان. ئۇ ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن «قۇربان ھېيتلىق ھال سوراش» بىلەن بىرگە، ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىگەن بولسا، دىنىي ساھەدىكىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارغا «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىگەن.
خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 16-ئىيۇن كۈنىدىكى بۇ خەۋىرىگە قارىغاندا، ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىلغار پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئائىلىسىنى يوقلىغاندا ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە، بولۇپمۇ «شىنجاڭنى تۈزەش» خىزمىتىدە ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلدىن باشلىغان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئاھالە كومىتېتلىرىغا پەۋقۇلئاددە ھوقۇقلارنى بېرىپ، ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنى تولۇق كونترول قىلىشقا زېمىن ھازىرلىغانىدى.
ما شىڭرۇي يەنە شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تارمىقىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن ھەمدە دىنىي خادىملارنى تەربىيەلىگەندە «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى، «شىنجاڭدىكى دىنلار ئىناقلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» تە ئاكتىپ رول ئويناشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلدىن باشلاپ، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن بۇ سىياسەتنى خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى يوقىتىش سىياسىتى دەپ چۈشەندۈرگەنىدى.