«قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى» خىتايدىكى «قىزىل ساياھەتچىلىك نادىر مەنزىرە رايونى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن

خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە «مەملىكەت بويىچە قىزىل ساياھەتچىلىكتىكى نادىر ئورۇنلار تىزىملىكى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كېرىيە ناھىيەسىدىكى «قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى» مۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالغان ئىكەن.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «قۇربان تۇلۇم روھى» نى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنى قىزىل تەشۋىقاتتىكى داڭلىق تىپقا ئايلاندۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە مەخسۇس كىنو ئىشلىگەن ھەمدە كېرىيە ناھىيىسىدە «قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى» بىلەن قۇربان تۇلۇمنىڭ ھەيكىلىنى ياساتقان.

«قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى» 2003-يىلى پۈتكەندىن كېيىن دائىرىلەر ئۇنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى» دەپ نام بېرىپ، ھەر يىلى بۇ يەرگە ئونمىڭلىغان ساياھەتچى بىلەن نەچچە يۈزلىگەن ئېكسكۇرسىيە ئۆمەكلىرىنى زىيارەت ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان.

1950-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا كېرىيەلىك نامرات دېھقان قۇربان تۇلۇمنىڭ ئېشەك بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ زېدوڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايە تاكى ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىزىل تەشۋىقات دەپتىرىدىكى نەمۇنە تىپ بولۇپ، دائىرىلەر بۇ ئۈلگىنى يىللارچە تەشۋىق قىلىپ كەلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قۇربان تۇلۇمنى قايتا كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى، مىللىي زىددىيەتلەر كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە مىڭلارچە قۇربان تۇلۇملارنى يارىتىش خىيالىدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.