مۇتەخەسسلەر: H79N تىپلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسى بۇ يىل قىشتا يەنە پارتلىش مۇمكىن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-10-26
Share


H79N تىپلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا قايتا بايقىلىشى ھەققىدە توختالغان مۇتەخەسسىسلەر پەيشەنبە كۈنى، مەزكۇر زۇكامنىڭ بۇ يىل قىشتا يەنە پارتلايدىغانلىقىدىن شەپە بەردى.

H79N تىپلىق قۇش زۇكىمى بۇ يىل مارتتا خىتايدا تۇنجى بايقالغاندىن بۇيان خىتايدا خېلى جىددىيلىك پەيدا قىلغان.

گەرچە، بۇ زۇكام ۋەھىمىسى بۇ يىل يازدا بىر قەدەر پەسەيگەن بولسىمۇ، مەزكۇر زۇكامدىن يۇقۇملانغان ئىككى كىشىنىڭ بۇ ئايدا يەنە بايقىلىشى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنى ئەندىشىگە سالغان.

ئۆتكەن ھەپتە جېجىياڭ ئۆلكىسىدە 35 ياشلىق بىر خىتاي ئەرنىڭ مەزكۇر زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئايدا بۇ ۋىرۇس ئۆي قۇشلىرىنى توشۇش سودىسى قىلىدىغان 65 ياشلىق يەنە بىر ئەردە بايقالغان.

خىتاي تەتقىقاتچىلار «ياۋرو كۆزەتكۈچىسى» ناملىق تور ژۇرنىلىدىكى ماقالىلىرىدە، H7N9 تىپلىق مەزكۇر ۋىرۇس بۇ يىل قىش خىتايدا يەنە كەڭ كۆلەمدە پارتلايدىغانلىقىنى مىساللار بىلەن شەرھلەشكە تىرىشقان.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، H79N تىپلىق زۇكام ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ياز پەسلىدە كېمىيىشى، مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسى سالىدىغان تەھدىتىنىڭ پەسەيگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن.

بۇ زۇكام بۇ يىل خىتاي ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا 45 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت