ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قاتارنىڭ 37 دۆلەت تىزىملىكىدىن چېكىنگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى
2019.08.23
ئۇيغۇر رەھبىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى رابىيە قادىر خانىم 22-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، قاتارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىغان 37 دۆلەت تىزىملىكىدىن چېكىنگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، «قاتارنىڭ 37 دۆلەت تىزىملىكىدىن چېكىنىشى يالغۇز لاگېرلار مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈش بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى قاتارنىڭ دۆلەت ئوبرازىنى قوغدايدىكەن».
يېقىندا غەربتىكى 22 دۆلەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئورتاق مەكتۇپ يوللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىشىنى، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئارقىدىنلا سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، پاكىستان، سۈرىيە، سۇدان، تاجىكىستان، قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 دۆلەت ئورتاق مەكتۇپ يوللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تىلى، مەدەنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ 37 دۆلەتنىڭ خىتاينى قوللىشى خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانىدى.
رابىيە قادىر خانىم باياناتتا، قاتارنىڭ بۇ قارارىنى تەبرىكلەيدىغانلىقى، قاتار ئەمىرى تامىم ھاماد ئەلتانىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، قالغان «36 دۆلەت ئەربابلىرىنى؛ بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنى مۇشۇ سائەتلەردە لاگېرلاردا قامىلىپ ياتقان، لاگېرنىڭ جازا تەدبىرلىرى نەتىجىسىدە ھالى خارابلاشقان 3 مىليون ئىنساننىڭ سېيماسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشكە ۋە لاگېرلار مەسىلىسىدە ئۆز ۋىجدانلىرىغا بىر سوئال قويۇپ بېقىشقا دەۋەت قىلغان».
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبەرلىرى يېقىندا لاگېرلاردىكى 90 % تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىنىڭ راستلىقى گۇمان قوزغىغانىدى.