رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پىلۇسى بىلەن كۆرۈشكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.09.20

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، «ئۇيغۇر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى» نىڭ قۇرغۇچىسى رابىيە قادىر خانىم 19‏-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پىلۇسى خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشنىڭ كىمنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما نەنسى پىلۇسى خانىم 19‏-سېنتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا رابىيە قادىر خانىم بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى ھەمبەھىرلەپ، «بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قەدىرلىك دوستۇم، پائالىيەتچى ۋە رەھبەر رابىيە قادىرنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نامىدا كۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ھەققىدە مۇزاكىرىلەردە بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن» دەپ يازغان. 

ئامېرىكانىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى ‏3-نومۇرلۇق شەخس بولغان نەنسى پىلۇسى خانىمنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» نىڭ ئاۋام پالاتادىكى نۇسخىسى ئاۋازغا قويۇلۇشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر مەزگىلدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈشى دىققەت قوزغىدى. نەنسى پىلۇسى خانىم «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» گە ئىمزا قويۇپ، ئۇنى ئاكتىپ قوللاۋاتقان ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى. ئۇ بۇ يىل يازدا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا «ئەگەر ئامېرىكا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاۋازىنى چىقارمىسا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقى» نى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ يەنە بىر نۇسخىسى بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان ئىدى. قانۇن لايىھىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتى ئاۋام پالاتاسىغا بۇرالغان ئىدى. ئىككىيلەن كۆرۈشكەندە قانۇن لايىھىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەن-كەلمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. كېڭەش پالاتاسى مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ بەزى ئەزالىرى قانۇن لايىھىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا تېزرەك ماقۇللىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.