رابىيە قادىر: «جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەرگە يۆتكىلىشى بىر خەتەرلىك ھەرىكەت»

مۇخبىرىمىز سادا
2018.10.10

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 6-ئۆكتەبىر، يەنى شەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىلىشىگە قارىتا ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ، بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان.

مەزكۇر ماقالىدە رابىيە قادىر خانىم جازا لاگېرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقى، نۇرغۇن تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمىلەرگە يوللىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» دا ئېلان قىلىنغان 2000 دەك ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ خېيلوڭجىياڭ ئۆلكىسىدىكى ئەڭ ۋەھشىي تۈرمە بولغان تەيلەي تۈرمىسىگە مەخپىي يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

رابىيە قادىر خانىم ماقالىسىدە يەنە خىتاينىڭ يەر شارىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئۈچۈن «بىر يول، بىر بەلۋاغ» پىلانىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنى بۇ پىلاندىكى بىر توسۇق دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بىر «ۋىرۇس» ئورنىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى يىلتىزىدىن يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

رابىيە قادىر خانىم ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا تەشكىلاتلارنى تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «مەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنى شەرقىي تۈركىستان دىيارىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، شۇ يەردىكى جازا لاگېرلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە مەخپىي ھالدا يۆتكىلىشىنى توسۇشقا چاقىرىق قىلىمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.