رابىيە قادىر خانىم ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىغا تەشەككۈر ئېيتتى
2018.12.25
ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر باستۇرۇشلار غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقاندا ھىندونېزىيەدىكى كەڭ مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكىتلەپ كەلگەن ھەمدە مۇشۇ سەۋەبتىن زور كۆلەملىك نامايىش تەشكىللىگەن ئىدى.
24-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم «ئۇيغۇر ۋاقتى» تورىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقىغا چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭدەك جاكارتادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى.
رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر ئوچۇق خەتتە ھىندونېزىيەدىكى كەڭ مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ۋە ھىندونېزىيە ئۆلىمالار كېڭىشىنىڭ ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەققانىيەتنى ياقلاشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى قىزغىن ئالقىشلىدى. ئۇ خېتىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئاۋازى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى. شۇڭا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ زۇلمەتلىك كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقان خەلق سىلەرنىڭ قېرىنداشلارچە يەتكۈزگەن ھەمدەرتلىكىڭلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ،» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ھىندونېزىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشى ھەققىدىكى جامائەت پىكىرى يۇقىرى پەللىگە چىققاندا جاكارتادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىپ ئۇلارنىڭ «پىتنە-پاساتلارغا ئىشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلغان.» شۇنىڭدەك «كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» دىكىلەرنىڭ ھۈنەر-تېخنىكا ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى خەتتە بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئەگەر ئاشۇ لاگېرلار راستىنىلا مەكتەپ بولسا نېمە ئۈچۈن ئۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆيلىرىگە قايتالمايدۇ؟ نېمىشقا بۇ مەكتەپلەر تىكەنلىك سىم توسۇق بىلەن قورشىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلىدۇ؟» دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارنى قويىدۇ.