ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان رامىزانلىق پائالىيەت تىكتوكنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن
2025.02.25
ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ «ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت تۆھپىسى» ناملىق تەبرىكلەش پائالىيىتى تىكتوكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ھالبۇكى، خىتايغا ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ دەپ قارىلىپ ئامېرىكادا چەكلىنىۋاتقان، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن سىياسىي زۇلۇم ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى چەكلەيدىغان تىكتوكقا ئوخشاش بىر ئەپ دېتالىنىڭ ئەنگلىيەدە داۋاملىق قوللىنىشى، ھەتتا پارلامېنت تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.
24-فېۋرال، «ئوتتۇرا شەرقنىڭ كۆزى» (Middle East Eye) ناملىق تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان «ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت تۆھپىسى» نى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن تەكلىپنامىدە، «تىكتوكنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ رامىزانلىق پائالىيەتكە قاتنىشىپ بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز» دېگەن قۇرلار يېزىلغان. 2023-يىل 3-ئايدا، ئەنگلىيە پارلامېنتى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ تىكتوكنى چەكلىگەندە، تىكتوك خىتاي ھۆكۈمىتىگە سانلىق مەلۇمات تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغانىكەن.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەد ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ مۇنداق پائالىيەتكە تىكتوكنى قېتىۋالغىنىنى قاتتىق تەنقىدلەپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاكامنى تۇتۇپ ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋەتتى. ئەنگلىيەدىكى بۇ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى تىكتوكنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلسا، مەن بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمەن. تىكتوك دېگەن بىزنىڭ دەرد-شىكايەتلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ، ئاۋازىمىزنى يوق قىلىدىغان بىر نەرسە، ئەمدىلىكتە ئۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆزىگە قانۇنلۇق بىر ئورۇن تېپىشقا ئۇرۇنماقتا» دېگەن. رىزۋانگۈل يەنە مەزكۇر پائالىيەتنى قوللاۋاتقان «ئەنگلىيە مۇسۇلمان ئاياللار تورى» (MWNUK) غا خەت يېزىپ، تىكتوكنىڭ ياردىمىنى ئېلىشنى رەت قىلىشقا، كەلگۈسى پائالىيەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا شېرىك بولغان بۇنداق شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىرغان.
بۇ خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تىكتوك بۇ ھەقتە بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىكتوكتىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە تىكتوكتا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. ھالبۇكى، 2020-يىل تىكتوك ئەمەلدارى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانىكەن.