خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر كادىرلارنى دىنغا ئىشەنمەسلىككە، ناماز، روزا قاتارلىق دىنىي ئىبادەتلەردىن يىراقلىشىشقا، ھەتتا ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىمۇ يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن شۇنداق كىشىلەر بايقالسا ئۇيغۇر كادىرلارنى چېتىپ جازالاۋاتقانلىقى، رامىزان مەزگىلدە باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مەكتەپلەردە يېمەك-ئىچمەك پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ روزا تۇتقان-تۇتمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنىپ كەلمەكتە.
بۇ ھەپتە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تارقالغان رەسىملىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى تېبابەت ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئارىلىقىدىكى تەنەپپۇستا مېۋە-چېۋە، ئۇسسۇلۇق سۇ ۋە يېمەكلىك تارقىتىلىپ، ئۇلارنىڭ روزا تۇتقان-تۇتمىغانلىقى تەكشۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەردىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا مەجبۇرى يېمەكلىك يېگۈزۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان. روزا تۇتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئوقۇغۇچىلار ئاگاھلاندۇرۇش ھەتتا مەكتەپتىن ھەيدىلىش جازالىرىغا ئۇچرىغان.