ب د ت باش كاتىپى ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى رامىزانلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.03.11

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارغا سېلىۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي زىيانكەشلىكىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، 2024-يىللىق رامىزان ئېيى كىرىپ كەلدى. خىتايدىن باشقا دۆلەتلەر مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ قۇتلۇق رامىزان ئېيىغا ھۆرمەت بىلدۈردى، تىلەكلەر تىلىدى. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس (Antonio Guterres) 11-مارت كۈنى X  دە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا رامىزانلىق تەبرىك سۆزى يوللاپ، «رامىزان ئېيى تىنچلىق، چىدامچانلىق ۋە خەير-ساخاۋەت ئېيىدۇر؛ ئىبادەت قىلىدىغان، ئۆزى بىلەن ھېسابلىشىدىغان ئايدۇر؛  كىشىلەر ئارا ئۆملۈك، مۇھەببەت ۋە ئۆز ئارا ياردەملىشىشنى كۈچەيتىدىغان ئايدۇر» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن 10-مارت كۈنى كەچتە X دە يوللىغان رامىزانلىق باياناتىدا، مۇقەددەس رامىزان ئېيىنىڭ ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش ۋە ئۆزىنى يېڭىلاش ئېيى ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا بەخت تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك (Rishi Sunak) 10-مارت كۈنىX  دە يوللىغان رامىزانلىق تەبرىك سۆزىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەسچىتلەرنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن ھەر يىلى 29 مىليون فوند ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«تۈركىيە» گېزىتىگە چىققان خەۋەرگە كۆرە، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ 11-مارت كۈنى رامىزانلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ، «ئىنشائاللاھ، رامىزان ئېيى تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارغا رەھىم-شەپقەت، ئىناقلىق ۋە نىجاتلىق  ئېلىپ كەلگەي» دېگەن. تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئەلى ئەرباش رامىزانلىق تىلەكلىرىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى غەززەدىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئازابىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا رامىزان ئېيى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولۇپ، ھەتتا خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىمۇ بۇ ھەقتە ھېچنەرسە ئېلان قىلمىغان. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىلارمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مۇقەددەس كۈنلىرى ھەققىدە ئەزەلدىن ھېچنېمە دېمىگەن، بەلكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شى جىنپىڭنىڭ «دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ قىيىن ۋەزىيەتتە قويغانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى «ئىككى يىغىنى» دا ما شىڭرۈينىڭ مۇخبىرلارغا «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش مۇقەررەر بىر يۈزلىنىش» دېگەنلىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۆز ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭمۇ نەقەدەر قىيىن بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.