خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان دۇنيادىكى چوڭ گېزىتلەردىن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىقلاردا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى بىر قىسىم مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسى بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ خەۋەر قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» قا پۈتۈنلەي زىت بۇ قىلمىشلىرىدىن پۈتۈن دۇنيانى خەۋەردار قىلدى.

5-مارت كۈنى «چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇلارنىڭ باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» دېگەن نامدا پەردازلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى شۇنىڭدەك چەتئەللەردىكى مۇخبىرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى جازالاش ئارقىلىق بۇ مۇخبىرلارنى خىزمەتتىن بەزدۈرمەكچى بولۇشىنى «ئۇچىغا چىققان توخۇ يۈرەكلىك بولۇپلا قالماستىن يەنە خەلقئارا قانۇنلارغا ھەمدە خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپلىق قىلىش،» دەپ ئەيىبلەندى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سېدرىك ئالۋانى بۇ ھەقتە توختىلىپ «خەلقئارا جامائەت جەزمەن بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇنداق رەزىللەرچە ‹ئۆچ ئېلىش› نى توختىتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشى لازىم،» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە خەۋەر ئىشلىشىگە قاتمۇ-قات توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئەھۋالدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرى مەزكۇر رايون ھەققىدە تولىمۇ قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىگىلەۋاتىدۇ،» دەپ كۆرسەتكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 5-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى جىننىې لې بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە بەكمۇ ئەستايىدىل قاراۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك نۆۋەتتە خىتاي مىقياسىدا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا بۇ مۇخبىرلارنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىۋاتىدۇ،» دېگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ پرېزىدېنتى لىببىي ليۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇخبىرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىشكە ھەمدە ئۇلارنى ساق-سالامەت ئۆيلىرىگە قايتۇرۇشقا چاقىرىمىز،» دېگەن.