ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت ۋەزىيىتى بويىچە دوكلات بېرىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس تەكلىپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۆلەت ۋەزىيىتى بويىچە يىللىق دوكلات بېرىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغان. روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىدىكەن.

ئامېرىكىدا «State of the Union» دەپ بىلىنىدىغان بۇ يىللىق يىغىلىش ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىزمەت كالېندارى بويىچە يىلنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئامېرىكانىڭ دۆلەت ۋەزىيىتى ۋە بۇندىن كېيىنكى سىياسەتلىرى بويىچە مۇھىم نۇتۇق سۆزلەيدۇ. پرېزىدېنت ترامپ بۇ يىللىق تۇتۇقىنى 4-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى ئاخشام سۆزلەيدۇ. 

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو 3-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس ۋە فىلورىدا شتاتىنىڭ باشلىقى جەنېت نۇنېزنى ئۆزىنىڭ مېھمىنى سۈپىتىدە بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 

سېناتور، يەنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرغا قاماش بىلەن بىرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كەلگەن ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن باشلامچىلىق رول ئويناۋاتقان شەخس ئىدى.

ئۇ باياناتىدا ئۆزىنىڭ روشەن ئابباس ۋە جەنىت نۇنىزنى ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەنئەنىسى ھېسابلىنىدىغان بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، روشەن خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىدىكى ھارماس كۈرەشچى ۋە مۇھىم يېتەكچى ئاۋازلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇ ۋەجىدىن روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئاچىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. 

روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئامېرىكىدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇنداق نوپۇزلۇق مۇراسىمغا دەۋەت قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردىن قارىغاندا ئامېرىكىنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ كۆرسەتكۈچى ھېسابلىنىدىغان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ۋەكىلنىڭ تەكلىپ قىلىنىشىنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور ئىكەن.

تولۇق بەت