ماركو رۇبىيو ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيو ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتقا خەت يېزىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ماركو روبىيو مىشېل باچېلېتقا يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن: «سىز 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋەزىپىڭىزدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىز، ئەمما بۇ دوكلات تېخىچە كۆمۈلگەن يېرىدە تۇرۇۋاتىدۇ. خەۋەرلەردىن بىلىشىمىزچە، خىتاي دىپلوماتلىرى ئاستىرتىن يول مېڭىپ بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋېتىپتۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ دوكلاتنى ئاشكارىلاشنى بىر مىنۇت بولسىمۇ كېچىكتۈرۈشىگە ۋە شەنىڭىزگە تېخىمۇ داغ تەگكۈزۈشىگە يول قويماسلىقىڭىز كېرەك. مەن دۆلەت مەجلىسى خام چوت ئاجرىتىش كومىتېتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئامېرىكانىڭ ب د ت غا ئاجرىتىۋاتقان پۇلىنىڭ نەگە كېتىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرىمەن ۋە ئىشخانىڭىزنى بۇ دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشقا چاقىرىمەن».

ئۇ يەنە مەكتۇپىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ ئۆز رولىنى تۈزۈك ئادا قىلالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى بالدۇرراق ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنى خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك ئىدى» دېگەن ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ جىنايەتلەرنى ئاللىبۇرۇن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى دەپ بېكىتىپ بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

2018-يىل ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى ھەققىدە بىر دوكلاتنى تەييارلىغانىدى؛ 4 يىل ئۆتۈپ كەتكەن ۋە مىشېل باچېلېت ئۇيغۇر رايونىنى كۆرۈپ كەلگەن بولسىمۇ بۇ دوكلات تېخى ئېلان قىلىنمىغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىققا بېسىم قىلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش-قىلىنماسلىقى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتىكى خەلقئارا نوپۇزىغا تاقىشىدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغان.