ئۇكرائىنانىڭ قارشىلىقى دۇنياۋى قوللاشقا ئېرىشمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.03.07

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا، ئۇكرائىنانىڭ قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىش روھى دۇنيا مىقياسىدا ئومۇمىييۈزلۈك قوللاشقا ئېرىشىشكە باشلىدى.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) نىڭ 5-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئەپەندى ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئۇرۇشنىڭ قانچىلىك داۋام قىلىشىغا بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. ئەمما ئۇكرائىنانى جەزمەن مەغلۇب بولىدۇ، دەپ قارىمايمەن» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ۋە خەلقىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش روھىغا يۈكسەك باھا بەرگەن.

ئامېرىكا ئاممىۋى رادىيو شىركىتى (NPR) نىڭ 6-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى كۆپ تەرەپلىمە ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن. بۈگۈنگىچە ئاز دېگەندىمۇ 400 گە يېقىن ئۇكرائىنا پۇقراسى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا ئۆلگەن بولۇپ، ھەقىقىي ساننىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە ئىكەن. ئۇرۇش تۈپەيلىدىن ھازىرغا قەدەر بىر يېرىم مىليون ئۇكرائىنالىق مۇساپىر قوشنا دۆلەتلەرنىڭ چېگراسىدىن ئۆتكەن ھەمدە ياۋروپادا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور مۇساپىرلار كىرىزىسىنى پەيدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەنىڭ ئۆزىدە بەش مىڭچە كىشى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى ئەيىبلەپ نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەنى چەكلەش ئۈچۈن تەڭلا ئىشقا سالغان بىر مۇھىم تەدبىرى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنى، جۈملىدىن خام نېفىتنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش بولۇپ، نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلاردىكى بېنزىن باھاسىنىڭ تېزدىن ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن.

ھالبۇكى، روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى ھەققىدە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكىلەرنىڭ بەزى ئۆزگىچە قاراشلىرى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا ئىكەن. CNBC ئاگېنتلىقىنىڭ 7-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىلىق مىلياردېر، «پېرشىڭ مەيدانى» شىركىتىنىڭ رەئىسى بىل ئاكمان (Bill Ackman) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى باشلىنىپ كەتتى، دېسەكمۇ خاتالاشمايمىز. ئەمما بىزنىڭ بۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز بەك ئاستا بولۇۋاتىدۇ. غەرب دۇنياسىنىڭ رۇسىيەگە دېگەندەك قاتتىق بولماي كەلگەنلىكى پۇتىننىڭ يۈرىكىنى يوغىنىۋەتكەن ئەڭ چوڭ ئامىل» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە رۇسىيە ھۆكۈمىتى «NATO بۇ ئىشقا بىۋاستە ئارىلاشسا، بىز يادرو قورالىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىمىز» دەۋاتقانلىقى ئۈچۈن ياۋروپانىڭ بۇ ئۇرۇشقا بىۋاستە قول تىقىشى دېگەندەك كەڭ ۋە ئەمەلىي بولماي كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.