ئامۇر دەرياسى كۆۋرۈكى خىتاي بىلەن رۇسىيەنى تېخىمۇ چىڭ باغلىماقتا

ھىنگان تاغلىرىدىن باشلىنىپ شەرققە ئاقىدىغان ئامۇر دەرياسى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ شەرقتىكى چېگراسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، يېقىندا بۇ دەريادىكى تۇنجى قاتناش كۆۋرۈكى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

CNN ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 369 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان بۇ تۇنجى كۆۋرۈك خىتاينىڭ خېيخې شەھرى بىلەن رۇسىيەنىڭ بلاگوۋشېنسك (Blagoveshchensk) شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىكەن. 12-ئىيۇن كۈنى بۇ كۆۋرۈكتە تۇنجى قاتناش باشلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يۈك ماشىنىلىرى قاتنىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەرەپنىڭ ماشىنىلىرىغا ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلار ۋە ھەر خىل چاق بېسىلغان بولسا، رۇسىيە يۈك ماشىنىلىرىدا پۇرچاق ۋە ھەرىلەنگەن تاختايلار توشۇلغان. رۇسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى بۇ كۆۋرۈك ھەققىدىكى تەبرىك نۇتۇقلىرىدا بۇنى «ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىياتى» دەپ شەرھىيلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئامۇر دەرياسىغا سېلىنغان ئىككىنچى كۆۋرۈكمۇ يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا تۆمۈريول قاتنىشىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، غەرب دۇنياسى رۇسىيەگە ئوخشىمىغان دەرىقىدە تۈرلۈك ئىمبارگو چارىلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرى ھەسسىلەپ ئاشقان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خىتايغا بولغان بېقىندىلىقى ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقى تېخىمۇ ئاشقان. نۆۋەتتە مەزكۇر كۆۋرۈكلەرنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىمۇ ئەنە شۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بارغانسېرى يوقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان بۇ خىل ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق يەنە بىر ياقتىن دۇنيانىڭ مۇشتومىزورلۇققا ۋە زۇلۇمغا ئورتاق قارشى تۇرۇشتەك تىرىشچانلىقى ئۈچۈن ئېغىر خىرىس پەيداق قىلماقتا، دەپ قارالماقتا ئىكەن.