رۇسىيە خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكانىڭ ھەرقانداق چەكلىمىسىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.11.12

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئەمەلدارى، رۇسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى سېرگېي شويگۇ 12-نويابىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ كەلگۈسىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينى كونترول قىلىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇشنىڭ نۆۋەتتە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 12-نويابىر ئېلان قىلغان بۇ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينى ئەڭ چوڭ رىقابەتچى، رۇسىيەنى بولسا ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قاراپ كەلگەن. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان دونالد ترامپ خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئېغىر تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، سودا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى سېرگېي شويگۇ بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە، «موسكۋا بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك مۇناسىۋەت دۇنيانى مۇقىملاشتۇرىدىغان ئامىل» دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ يەنە رۇسىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «مېنىڭچە، نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى يولغا قويغان رۇسىيە بىلەن خىتاينى تەڭ چەكلەش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش» دېگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىمۇ ئۇنى قوللاپ: «خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپلىشىپ، تاشقى خىرىس كۆپەيگەنسېرى، ئىككى تەرەپ ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداش ئۈچۈن بىر سەپتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك» دېگەن.

خىتاي تەرەپ بۇ ئۇچرىشىشقا، «ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتتى» دەپ باھا بەرگەن.

شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى غەيرىي رەسمىي شەكىلدە ئىپادىلەپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكاغا قارشى «چەكسىز ھەمكارلىق» ئورنىتىپ، ئۆزئارا بېرىش-كېلىشنى كۆپەيتكەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.