ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيە-خىتاي ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشتا بىرلىككە كەلگەن
2022.06.30
28-ئىيۇن كۈنى باشلانغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ خەلقئارا تەھدىتىگە قارشى بىرلىك سەپ ھاسىل بولغان.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى بۇ يىغىندا تاجاۋۇزچى رۇسىيەنى ئاساسلىق رەقىب، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىۋاتقان خىتاينى ئىستراتېگىيەلىك «خىرىس» دەپ ئاتىغان ھەمدە بۇ رەزىل ئىتتىپاققا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ناتو ئەسلىدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى شەكىللەندۈرگەن ھەربىي ئىتتىپاقى بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيەنى رەقىب ئەمەس، بەلكى يوشۇرۇن دوست قاتارىدا كۆرگەن؛ خىتاينى بولسا ئېتىبارغا ئالمىغان. ئەمما بۈگۈنكى رۇسىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يولىدىن مېڭىپ، خىتاينى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، خەلقئاراغا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن، ناتو بۇ ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقىنى چوڭ تەھدىت دەپ ھېسابلىغان. يەنى ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ قېتىم خىتاينىمۇ نىشانغا ئالغان بولۇپ، خىتاينىڭ «ئىستراتېگىيەلىك خىرىس» دەپ ئاشكارە ئاتىلىشى يېڭى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ يىغىندا ناتونىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg) ناتونىڭ يېڭى ۋەزىپىسى ئېلان قىلغاندا: «خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ خەلقئارا تەرتىپنى بۇزۇش غەرىزى بىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىمىز ۋە مەنپەئەتلىرىمىزگە تامامەن زىتتۇر» دېگەن. ئۇ ناتونىڭ شەرقىي قانىتىدىكى 8 دۆلەتكە نەچچە مىڭلىغان يېڭى قوشۇن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن پولشاغا قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش شىتابى ۋە دالادا جەڭ قىلىش باتالىيونى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا تېخى ئىنكاس قايتۇرمىغان.