خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2016-يىلى باشلىغان ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش نامىدىكى بەدەن تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى پۇقرالارغا قارىتا تۆت يىل ئىچىدە 8 مىليون 252 مىڭ 400 ئادەم قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلغان. «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 30-ئاپرېل تارقاتقان بىر خەۋىرىدە بۇ ۋىلايەتتىكى بۇ يىللىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، پۇقرالارنىڭ ماسكا تاقاپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتنىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك ئۇچۇر ئارخىپى ۋە غايەت زور DNA ئامبىرىنى قۇرغان. ئارقىدىنلا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتى باشلانغان. بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا خىتاينىڭ ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى قارىتا قاتتىق گۇمان قوزغىغانىدى.
ئۇلار خىتاينىڭ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك ئۇچۇرى ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى، بۇنىڭ سىستېمىلىق ئادەم ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىگە يول ئاچىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «سەھىيە-سالامەتلىك كومىتېتى» ئاساسى قاتلام ئىشخانىسىنىڭ بىر مەسئۇل خادىمىنىڭ «ئاقسۇ گېزىتى» گە تەكىتلىشىچە، مەزكۇر ۋىلايەت يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە 680 مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ، 13 مىڭ 90 ئادەم قېتىم تەكشۈرۈش خادىمى ئاجراتقان.