خىتاي ھۆكۈمىتى «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نى داۋام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.11.17

«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئىككى مىليونغا يېقىن كىشى «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش» خىزمىتىگە قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە بالىلار ۋە ياشىنىپ قالغانلارمۇ بار ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش» ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، تەكشۈرتكۈچىنىڭ «سالامەتلىك ئارخىپى» بىردەك ھۆكۈمەتنىڭ «ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى» غا كىرگۈزۈلگەن. شۇنداقلا سالامەتلىك تەكشۈرتكەنلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردەك ئارخىپ تۇرغۇزۇش پىرىنسىپى بويىچە بارلىق كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئارخىپى ئۇلارنىڭ خەۋىرى بار ياكى يوق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بىردەك ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىغا توپلانغان.

ئۆتكەن مەزگىللەردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش» خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ھەمدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئىكەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشكەن ئىدى. يەنە بەزىلەر بولسا بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ لاگېرلاردىكى «ئادەم ئورگانىزىملىرىنى ئوغرىلاش» قىلمىشىنىڭ تەييارلىقى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈشنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىشى تېخىمۇ زور گۇمانلارنى قوزغىماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.